جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023- يىللىق دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-06-25 23:03:51

(2024- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى)

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن- تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلىتىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پەن- تېخنىكا خادىملىرى ۋە تەشكىلاتلارنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

«دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى»، «دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ھەم دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن، ئاكادېمىك لى دېرېن، ئاكادېمىك شۆ چىكۇنگە دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى بېرىلدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «توپولوگىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىياللارنى ھېسابلاش، مۆلچەرلەش»كە دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «ئۈچ ئۆلچەملىك مانىفولنىڭ چەكلىك تەكرار دەستىلىنىشى» قاتارلىق 48 تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «توپلاشتۇرۇلغان توك يولىلىق خىمىيەلىك ماشىنىلارنى پارقىرىتىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە جابدۇقى» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «يېشىل بىيو ئاساسلىق ماتېرىيال يوپۇقى ئارقىلىق ئوغۇتلاشنى تىزگىنلەش بويىچە ئىجاد قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش» قاتارلىق 54 تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «فۇشىڭ ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «<شېنخەي 1- نومۇر> ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر سۇ ئاستى چوڭ گازلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش» قاتارلىق 16 تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، «سوغۇققا چىداملىق، بورانغا چىداملىق يۇقىرى ھوسۇللۇق كاۋچۇك دەرىخى سورتىنى يېتىشتۈرۈش ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش» قاتارلىق 120 تۈرلۈك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىلدى، پىروفېسسور جون ئېدۋارد خوپكروفت قاتارلىق چەت ئەللىك ئون مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملاردىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش، ھەمكارلىشىش، ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق