موۋ چۇنيەن
ھۆرمەتلىك مۇئەللىم:
خەت دېگەن يېرىم دىداردۇر، خەتنى ئاچقاندا كۆڭۈل ئېچىلۇر.
باش باھارنىڭ نۇرى قېلىن ئورمانلىقنى تېشىپ ئۆتۈپ بامبۇكلۇققا كىردى، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىككى خىزمەتداش ئورمان ئىچىدە ئارىلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىۋاتاتتى. پەقەت باشنى سەل- پەل كۆتۈرسىلا، ئاجىز نۇرلار قاپلىغان، ياپيېشىل يوپۇرماق، ئالتۇن رەڭلىك يەر ۋە جۇشقۇن كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەن ئىللىق قەلبىم بىلەن يېشىللىققا پۈركىنىۋاتقان باھار كۈنىدە سىزگە ئۇزاقتىن بېرى يازالمىغان بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.
شۇ يىلى، يېشىللىققا پۈركەنگەن قويۇق ئورمانلىققا خىزمەتكە باردىم، ئورمانچىلىق خىزمىتى بىلەن ئەمدىلا ئۇچراشقان مەن، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى قىلچە ھېس قىلالمىدىم، پەقەت ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق جاپالىق خىزمەتنى تاللىغانلىقىمدىن ئاغرىندىم. ئورمان خىزمەتچىلىرى تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىپ، تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، شامال ۋە ئاپتاپتا قېلىپ، دائىم يىلان ۋە ھاشاراتلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەگەر مەن بىر يېڭى خىزمەت ئالماشتۇرغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ئەگەر يوپكىلارنى كىيىپ ئازادە، يورۇق ئىشخانىدا ئولتۇرغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى. بەختكە يارىشا، مەن ئورمانچىلىقنى چوڭقۇر سۆيىدىغان سىزنى ئۇچراتتىم، سىز مول بىلىم زاپىسىڭىز، ماھىر كەسپىي تېخنىكىڭىز ئارقىلىق مېنى ئورمانچىلىقنى قايتىدىن تونۇشقا، ئورمانچىلىقنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلىدىڭىز. تاغ- دەريالارنىڭ گۈزەللىكى، ئورمان- ئېتىزلارنىڭ گۈزەللىكى، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى سىز ماڭا بىلدۈردىڭىز، بىز ئورمان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىككى قولى گۈزەللىكنى قوغداپلا قالماي، يەنە گۈزەللىكنى يارىتالايدىكەن.
شۇ كۈنى، خۇددى بۈگۈنكىدەك باش باھار بولۇپ، ھاۋا سەل سوغۇق ئىدى، مەن ئورۇندۇقتا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى سىزگە يېرىم يىلغا يېقىندىن بۇيانقى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىمنى، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىمنى، خىزمەتتىكى بوغما ھالەتنى، تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم... سىز ئۇ تەرەپتە ئولتۇرۇپ، بەزىدە بېشىڭىزنى لىڭشىتىپ، بەزىدە قوشۇمىڭىزنى تۈرۈپ، ئۇدۇلدىكى قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنۇۋېلىپ يىغلاپ ياش تۆكۈۋاتقان قۇرامىغا يەتكەن كىشىگە ئۈن- تىنسىز قاراپ تۇردىڭىز. سىز، يول قانچە ئۇزۇن، توسالغۇ قانچە كۆپ بولسىمۇ، بەرداشلىق بەرسىڭىزلا، مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، دېدىڭىز. سىز، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنتايىن جاپالىق مەزگىلى بولىدۇ، ئەگەر بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز، كىشىلىك ھاياتىڭىز بىردىنلا نۇرلىنىپ كېتىدۇ؛ ئەگەر بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز، ۋاقىت سىزگە بۇ قىيىنچىلىق بىلەن قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قېلىشنى ئۆگىتىدۇ، دېدىڭىز. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىزگە قارىدىم، بىر دەستە نۇر سىيپاپ ئۆتتى، سىزمۇ دەل مېنىڭ غەمكىن دۇنيايىمنى يورۇتقان ئاشۇ نۇر.
كېيىن، مەن نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئىشقا يولۇقتۇم، لېكىن سىزنى ئويلىساملا، مەندە چەكسىز كۈچ- قۇۋۋەت پەيدا بولدى. مۇئەللىم، ماڭا ئىللىقلىق ۋە يورۇقلۇق بېغىشلاپ، مېنى كەسىپنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. مەن تاغ ئارىسىدا ئېچىلغان ياۋا گۈل، تاش يېرىقىدىن ئۆسۈپ قالغان ئوت- چۆپكە ئوخشاپ قالساممۇ، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈش قىزغىنلىقىمدىن ۋاز كەچمەيمەن.
ئوقۇغۇچىڭىزدىن
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجوۋ شەھەرلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات يۇرتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.