قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | بىر كونا لۇغەت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-11-05 15:00:32

خۇ جاۋچىن

 ھەپتە ئاخىرىدا كىتاب ئىشكاپىنى رەتلەۋېتىپ، قىزىل سولياۋ تاشلىق، تارىخىي ئىزلار بىلەن بويالغان شىنخۇا لۇغىتىنى كۆرۈپ، بىردىنلا خىيالىم 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا كەتتى.

كونا لۇغەت (سۈرەتنى ئاپتور خۇ جاۋچىن تەمىنلىگەن)

 مەن ئىنىمدىن بىر ياش چوڭ بولغاچقا، 1986- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش باشلانغاندا، ئاچا- ئىنى ئىككىمىزنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش يولىدا ھەمدەم بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئاتا- ئانام ئىككىمىزنى تەڭلا مەكتەپكە بەردى، ماددىي ئەشيا كەمچىل بولغان ئاشۇ يىللاردا، ئاتا- ئانام پەقەت دېھقانچىلىققا تايىنىپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈچ بالىسىنى بېقىپ تەربىيەلەيتتى، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. لېكىن ئۇلار ھەمىشە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆگىنىش جەھەتتە ئەزەلدىن بىزنى قىيناپ قويمايتتى، لۇغەت، چوت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قوش كىشىلىك ئېلىپ بېرەتتى.

 ئېنىق ئېسىمدە، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا لۇغەت ئاختۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۆيدە ئاچام ئىشلەتكەن بىرلا لۇغەت بار بولۇپ، ھەر ئىككىمىزنىڭ دەرس ۋاقتىدا بىردىن لۇغەتكە ئىگە بولۇش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايتتى. ئىنىمغا يول قويۇش ئۈچۈن، ئانام ماڭا، تۇنجى كۈنى ئىنىمنىڭ ئۆيدىكى بىردىنبىر لۇغەتنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىشىنى ئېيتتى، غەرەز ئۇقىدىغان مېنىڭ ئويلىغانلىرىم بولسىمۇ، لېكىن سۈكۈت قىلىپ ماقۇل بولدۇم. بىر كۈنلۈك مەكتەپ تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئۈستەلدە ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى يېڭى شىنخۇا لۇغىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھەقىقەتەن ھەم ھەيران قالدىم ھەم خۇشال بولدۇم، بىر كۈنلۈك كۆڭۈلسىزلىكىم شۇ دەقىقىدە غايىب بولدى. لۇغەتنى ئېچىپلا، دادامنىڭ رەتلىك، سالماق خېتىنى كۆردۈم − 1987- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇاڭلى كىتابخانىسىدىن سېتىۋېلىپ، قىزىم خۇ جاۋچىنغا سوۋغا قىلدىم. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان دادام ھەر بىر لۇغەتكە لۇغەت ئىگىسىنىڭ ئىسمى ۋە سېتىۋالغان ۋاقتىنى يېزىپ قويغان بولۇپ، بىر خىل ئىللىق ئېقىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمنى ئىللىتتى.

 گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلۇم ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان، ئۇنىڭ كەچۈرمىشىنى سوراپ باقمىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ لۇغەت يەنىلا مېنىڭ كىتاب ئىشكاپىمدا ساقلانماقتا؛ بەلكىم مېنىڭ كىچىك قىزىم كېيىن ئۇنى تېخىمۇ ئىشلەتمەسلىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا دىققەتمۇ قىلماسلىقى مۇمكىن. گەرچە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگىرىپ، جاراھەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ھەر بىر جاراھەت مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يىللىرىمنى خاتىرىلىگەن، ھەر بىر جاراھەت ئىزىنى ئوڭشاشتا دادامنىڭ سەمىمىي تەلىمى ۋە سەمىمىي تاپىلاشلىرى سىڭگەن. ھەر قېتىم دادامنىڭ كۈچلۈك قولىدىن ئۇنى ئالغىنىمدا، بىر بۆلەك ئىللىق ئەسلىمە بولىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغاندىن تارتىپ خىزمەتكە چىققۇچە، خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ ئۆي- ئوچاقلىق بولغۇچە، ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندىن تارتىپ بىر جۈپ ئوغۇل- قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە ئۇ ماڭا 38 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەمراھ بولدى. ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، جاپالار ئۆتۈپ كەتتى، ئاتا- ئاناممۇ مۈكچىيىپ قالدى، لېكىن دادامنىڭ 38 يىل ئىلگىرى قالدۇرغان پوچېركىسىنى غۇۋا كۆرگىلى بولىدۇ. دادامنىڭ: «بالام، بىر لۇغەتنى بىر ئۆمۈر ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بىز پەقەت بىر مەھەل جاپا چەكتۇق» دېگىنىنى، ئانامنىڭ: «بىر لۇغەت مېنىڭ بىر نەچچە سېۋەت كۆكتاتنى ئارتۇق ساتقىنىم، بىر نەچچە تامچە تەرنى كۆپ ئاققۇزغىنىم ئەمەسمۇ...» دېگىنىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

بۈگۈنكى كۈندە، مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولدۇم. گەرچە ھازىرنى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ لۇغەتكە بولغان ئەسلىمەم بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ. دادامنىڭ تەلىمى، ئانامنىڭ كوتۇلداشلىرى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. مەن ئانامنىڭ كۆكتات سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن توۋلاپ سېتىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگەندەك بولىمەن؛ دادامنىڭ قاداق باسقان ئىككى قولى بىلەن ئوتىغۇچنى چىڭ تۇتۇپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئالغا قاراپ مېڭىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگەندەك بولىمەن. بىلىپ- بىلمەيلا كۆزلىرىم ئىللىپ كەتتى، مەن ئەھۋالغا قاراپ دادامغا تېلېفون قىلدىم، بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشمايلا، ئانامنىڭ تاپىلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: «ئەرباۋ (ئوغلۇمنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى)نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، سىز سەۋرچانلىق بىلەن بالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاز گەپ قىلىپ، كۆپرەك ئىش قىلىپ، بالىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئوڭۇشلۇق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ...»

بىر خىل ئىللىق ئېقىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمنى ئىللىتتى، مېنىڭچە مەن چوقۇم بۇ لۇغەتنىڭ ھېكايىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىم كېرەك ئىكەن.

ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەلىك جۇاڭلى باشلانغۇچ مەكتىپى

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق