قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | قەلبنى ئىللىتىدىغان تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-11-11 18:29:00

سۈن لى

 تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ھەمىشە ئالدىراپ- تېنەپ يوللانما يەتكۈزۈپ، يوللانما ئېلىپ، ئۈن- تىنسىز ھالدا ھەرقايسى مەھەللىلەر ئارا كېزىپ يۈرىدۇ. مېنىڭ كاللامدا ھېلىقى قەلبنى ئىللىتىدىغان تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىت پەيدا بولدى.

 يېرىم يىل ئىلگىرى، مەن توردىن سېتىۋالغان مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قوناق ئېتىلدۇرمىسى زاكاز تالونۇمدا ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالدى، دەپ كۆرۈندى، لېكىن مەن ھەقىقەتەن تاپشۇرۇپ ئالمىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن زاكاز تالونىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرىغا ئاساسەن، يەتكۈزۈشكە مەسئۇل يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتكە تېلېفون قىلدىم.

 «مەن بۇ تېز يوللانمامنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، قانداق ئەھۋاللىقىغا قاراپ باقالامسىز؟» مېنىڭ تەلەپپۇزۇم سوغۇق، يەنە ئازراق ئەيىبلەشمۇ بار ئىدى. «ماقۇل ھەدە، سىز تالون نومۇرىنى دەپ بېرىڭ، مەن سىزگە تەكشۈرۈپ بېرەي». تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىت سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى، گويا مېنىڭ سۆزلىرىمدىكى نارازىلىقنى بىلمىگەندەك قىلاتتى. سۈرۈشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا تېلېفون قايتۇردى: «كەچۈرۈڭ ھەدە، مەن تەكشۈرۈپ باقتىم، بۇ تېز يوللانما بىر ئاي بۇرۇنقى يوللانما ئىكەن، ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىندى، دەپ چىقىپتۇ. سىز تاپشۇرۇۋالماپسىز، بەلكىم ئاشۇ مەزگىلدە ئىشكاپ بىكار ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، مەن خەۋەرلىشىش ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويغان، يىتۈپ كېتىپتۇ». ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى، تەلەپپۇزىدىن ئەپۇ سوراش چىقىپ تۇراتتى، « يوللانما يىتۈپ كەتكەن بۇ ئىشتىكى مەسئۇلىيەت مەندە، مەن سىزگە تۆلەپ بېرەي». ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا يەنە ياڭراق ئاڭلاندى.

 ئۇنىڭ جىلە بولمايدىغان، ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان مىجەزى ۋە ئوچۇق- يورۇق پوزىتسىيەسى مېنى تەسىرلەندۈردى، مەن دەماللىققا بەك خىجىل بولدۇم. «تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ مۇھىم نەرسىمۇ ئەمەس، بالىغا ئېلىپ بەرگەن قوناق ئېتىلدۇرمىسى، ئاران 32 يۈەن، بولدى». مېنىڭ تەلەپپۇزۇممۇ خېلى ئوڭشىلىپ قالدى.

 «ھەدە، تېز يوللانما يىتۈپ كەتسە تۆلەپ بېرىش كېرەك، مېنى ئەرز قىلمىسىڭىزلا، مەن بەك مىننەتدار بولىمەن. مەن بۇ چىقىمنى سىزگە تولۇقلاپ بېرەي»، دېدى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىت چىڭ تۇرۇپ. «ھاجىتى يوق»، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. كېيىن، ئۇ ۋېيشىن ئارقىلىق ماڭا پۇل يۆتكەپ بەرمەكچى بولدى، مەن ئۇنىمۇ رەت قىلدىم. بۇ ئىش مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.

 تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن تېز يوللانما ئىشكاپىدىن يوللانما ئالماقچى بولدۇم. ئىشكاپنى ئېچىپ، تېز يوللانما قۇتىسىنىڭ ئۈستىدە سۈزۈك پىلاستىر بىلەن باغلانغان بىر كونۋېرتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ كونۋېرت پۇرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىگە: «ھەدە، قوبۇل قىلىڭ» دەپ يېزىلغان ئىكەن. كونۋېرتنى ئاچتىم، ئىچىدە 32 يۈەن بار ئىدى، مەن ئۇ يەردە بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتنىڭ تۆلىمى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالدىم.

 مېنىڭچە، ئۇ ھەر كۈنى كونۋېرتنى يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ، مېنىڭ تېز يوللانمامنىڭ بار- يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەپتۇ. نېمىدېگەن ئىنچىكە، نېمىدېگەن مەسئۇلىيەتچان يىگىت- ھە! كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە، مەن بۇ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم ...

 مەن دەرھال تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم، تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن يەنىلا قەلبنى ئىللىتىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى: «ھەدە، ھېچقىسى يوق، ئىش بولسا يەنە ئالاقىلىشەيلى».

 بۈگۈنگە قەدەر، مەن يەنىلا ئۇ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتنىڭ تەقى- تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئېسىمدە يوق، لېكىن، ئۇ يەتكۈزگەن ئىللىقلىق ھېلىمۇ ئېسىمدە.

 دۆلىتىمىزدە، ئەتراپىمىزدا ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشى خۇددى كىچىك ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش نۇر ۋە ئىللىقلىق چېچىپ تۇرىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق