قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئەمەن تەملىك سىباغا سىڭگەن چوڭقۇر مۇھەببەت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-11-19 17:06:55

جۇ خۇيمىن

بىر تارام قۇياش نۇرى، بىر نەچچە پارچە راھەتبەخش بۇلۇت، ئەمەننىڭ خۇش ھىدى، شۇنداق ئىللىق بىر تۇيغۇلار قەلبىمدە ئەگىمەكتە.

باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ھاۋادا ئېقىۋاتقان نۇرلۇق لېنتىلاردەك دېرىزەمنىڭ تەكچىسىگە تولۇق يېيىلىپ، لەيلەپ تۇراتتى، مەيىن شامالغا ئەگىشىپ كەلگەن خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلاتتى، دېرىزە تەكچىسى ئاستىدىكى ئەمەن ئەسلىي تۈگۈلۈپ تۇرغان يوپۇرماقلىرىنى ئېچىپ، يۇمرانغىنە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئەسلىمىلەر خۇددى كىنوغا ئوخشاش كاللامدا ئاستا- ئاستا قويۇلۇشقا باشلىدى، خىيال قۇشۇم يەنە ئەسلىمىلىرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا شۇڭغۇدى.

بالىلىق چاغلىرىمدا، ئاشۇ بىر بۆلەك لەمپە ئاستىدا ماڭغىنىمدا، ئۆي خىيالىمغا كەلگەن ھامان ئاشۇ ئەمەننىڭ خۇش ھىدىمۇ تەڭلا ئېسىمگە كېلەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، باھار شامىلى قىزغىن بۇرغىسىنى چالغاندا، ئەمەننىڭ خۇش ھىدى مەيىن شامالغا ئەگىشىپ تار كوچىدىن، لەمپە ئاستىدىن ئۆتكەندە، مەن شادلىق ئىلكىدە ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسىگىنىمچە، ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك لەرزان قەدەملىرىم بىلەن مومامنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلەتتىم. دەرۋازىنى ئاستاغىنا ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاراشلىرىدىن بېشىمنى تىقىپ تۆت ئەتراپقا قارايتتىم.

مومام ئاشخانىدا ئالدىراش ئىدى، مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ: «موما، مەن سىزنىڭ بۇ يىل يېڭى قىلغان ئەمەن تەملىك سىبارىڭىزنى تېتىپ باققىلى كەلدىم»، دېدىم. مومام قوللىرىنى قېقىشتۇرغىنىچە، مېنى باغرىغا يېنىك بېسىپ، كۆزلىرىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ: «پاھ! بىزنىڭ ئاچ كۆز ئاسلان يەنە كەپتۇ!» دېدى.

مومام پاكىز يۇيۇلغان ئەمەننى ئاز- ئازدىن ئۇششاق توغراپ، نومى گۈرۈچى كومىلىچىغا پەيدىنپەي ئارىلاشتۇردى. ياپيېشىل ئەمەن شەربىتى ئىللىق نومى گۈرۈچى كومىلىچىغا سىڭىشىپ، خۇددى يېڭىلا سىلىقلانغان قاشتاشقىلا ئوخشاپ قالدى، خۇش پۇراق پۈتۈن ئاشخانىنى قاپلىدى. ئاخىر ھەممە تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندە، مومام خۇددى سېھىرگەرلىك قىلغاندەكلا يەنە مەن ياخشى كۆرىدىغان پۇرچاق قىيمىسى ۋە كۈنجۈت قاتارلىق قىيما خۇرۇچلىرىنى ئېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئەمەن تەملىك نومى گۈرۈچى كۇمىلىچىدىن بىر چىمدىم ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۇنى بېسىپ ياپىلاقلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئازراق قىيما سېلىپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئاۋايلاپ تۈگۈپ يۇمىلاقلىدى. ئىجتىھات ۋە كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن تۈگۈلگەن ئەمەن تەملىك سىبالارنىڭ قاسقانغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئۆينى ئىللىق، شېرىن، خۇش پۇراق قاپلىدى.

مومام ماڭا بىر تەخسە خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان ئەمەن تەملىك سىبانى سۇندى، مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭدىن بىرنى ئاغزىمغا سېلىشىمغىلا، شېرىن تەم ئېغىزىمدا تارقىدى، چاينىغانسېرى، ئەمەن ئوتى بىلەن پۇرچاق قىيمىسىنىڭ خۇش پۇرىقى بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ، كېكىردىكىمدىن، كۆكرەك بوشلۇقۇمدىن ئۆتۈپ، يۈرىكىمگىچە سىڭىپ كەتتى... ھەر قېتىم مومام مېنى يېنىك قۇچاقلىغاندا، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈزىدە جىلۋىلىنەتتى، شۇنچىكى ئىللىق ھەم شۇنچىكى خۇش پۇراق ئىدى، ھالبۇكى مەن بولسام ئەمەننىڭ تەمىدىن، ئۇنىڭ خۇش ھىدىدىن ھۇزۇرلىناتتىم.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مومام مېنىڭ ئەمەن تەملىك سىباغا ئامراقلىقىمنى ئېسىدە ساقلاپ كەلدى، گەرچە ئۇ يېزىدىكى كونا ئۆيىدىن كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر يىلى باش باھاردا يەنىلا يۇرتىغا قايتىپ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدىن ياۋا ئۆسكەن، يۇمران ئەمەننى ئىزدەپ تېپىپ، ئەمەن تەملىك سىبا تەييارلاپ، يىراقتىن ماڭا ئەكېلىپ بېرىدۇ.

ياپيېشىللىق ئىلكىدىكى بۇ ئىللىقلىق ھەمىشە يارقىن باھار نۇرىغا چۆمۈلۈپ، گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان ئەمەن ئوتىنىڭ ھىدلىرى ئىچىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە، مەڭگۈلۈك جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ ...

ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق